ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

18 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتى ھەققىدە يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە ئالاھىدە قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.10.18

يىغىن، 20 - ئۆكتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىلىدۇ.

كومىتېت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدا، كومىتېت خادىملىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ئەھۋالىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تەرەققىياتىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلگەن: "يىغىندا بولۇپمۇ سۆز - پىكىر، ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى، تىبەت ۋە شىنجاڭدىكى تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئالاھىدە قاراپ چىقىلىدۇ."

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار ئىجرائىيە كومىتېتى ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان "2010 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى" دا، ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.