ئاقسۇدا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا 20 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىندى
2011.12.27
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ قېتىم خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە، ساقچىلارنىڭ 200دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە كېچىدە تۇيۇقسىز ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 60 نەچچە كىشىنىڭ سوراق قىلىنىپ، 21 كىشىنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، قانۇنسىز نەشر قىلىنغان دىنىي كىتابلار ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر بىلەن سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بوشنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى ساقلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
رادىئومىز سەيشەنبە كۈنى ئاقسۇ شايار ناھىيىسىدىكى مەلۇم ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىمىزدە، ساقچى خادىمى يېڭى يىلدىن ئىلگىرى ئاقسۇ تەۋەسىدە ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان دىنىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ھەم رابىيە قادىرغا مۇناسىۋەتلىك سىنئالغۇ ۋە رەسىملەر قولغا چۈشكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بۇ دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە ھەم قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن 24-دېكابىر ئېچىلغان «مۇقىملىقنى ساقلاش يىغىنى» دا رايون ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى تەكىتلەپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ھەم دىنىي رادىكاللارغا داۋاملىق زەربە بېرىپ، رايون مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.