ئاقسۇ شەھىرىدىكى پارتلاشتىن كېيىن بىر قانچە ياردەمچى ساقچى خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن

بۈگۈن رادىئومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ ئاقسۇدىن ئەھۋال ئىگىلىشىچە، ئاقسۇ ئىگەرچى يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ كوچا چارلاش ئەترىتى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ياردەمچى ساقچىلار خىزمىتىنى تاشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.08.24

مۇخبىر، ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك مەھەللە كومىتېتىدىكى ساقچىخانىغا تېلېفون قىلىپ، پارتلاشتىن كېيىن خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ بار - يوقلۇقىنى سورىغاندا، ساقچىخانىدىكى خادىم، پارتلاشتىن كېيىن، بىر كىشىنىڭ باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى، يەنە بىر ياردەمچى ساقچىنىڭ بولسا، خىزمىتىنى تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر يەنە، شەھەردىكى نەنچېڭ مەھەللە كومىتېتىنىڭ ساقچىخانىسىدىن بۇ ھەقتە مەلۇمات سورىغاندا، ساقچى خادىم، خىزمەت تاشلىغان ياردمچى ساقچىلارنىڭ خىتايدىنمۇ ھەم ئۇيغۇردىن بارلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما سانىنى ۋە سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

19 ‏- ئاۋغۇستتىكى پارتلاشتا ئۆلگەن يەتتە كىشىنىڭ بىرسى ياردەمچى ساقچى، 3 نەپىرى بولسا چارلاش خادىمى ئىدى. بۇ قېتىم ئىگەرچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا كۆكياردا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ ئاقسۇدا جىددىي بىر ۋەھىمە پەيدا قىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.