خىتاي ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنىڭ ئارقىسىدا 2 گۇمانلىق كىشى بارلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ بىر ئەر، بىر ئايال، ئىككى كىشى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.08.20

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتقا بومبا قاچىلاپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلارنىڭ ئىككى كىشى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىنىڭ بىردىن ئارتۇق كىشى ئىكەنلىكى ھازىرچە "ئېنىق ئەمەسلىكى" شۇنداقلا ۋەقەنى "تېررورلۇق ھەرىكەت" دەپ مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقى، چۈنكى تەكشۈرگۈچىلەر ۋەقەنىڭ بومبا پارتلاشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى چەتكە قاققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پەيشەنبە كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەچى يېزىسىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان موتسىكلىتلىق خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى موتسىكلىتلىق بىر ئۇيغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 4 ساقچى 3 پۇقرا ئۆلگەن ئىدى. يەر شارى ۋاقتى گېزىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاقسۇدا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن باياناتچى خۇ خەنمىن بۇنى رەت قىلغان.

بەزى ئانالىزچىلار ئۈچ چاقلىق موتسىكلىتنىڭ ھۇجۇمىدا 7 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئەقىلگە بەك سىغمايدىغانلىقىنى، بۇ تۈرلۈك ئۆلۈم ‏- يېتىملەرنىڭ پەقەت بومبا پارتلىتىش ياكى "سەمەن ۋەقەسى"گە ئوخشاش چوڭ تىپلىق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھۇجۇمىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.