خىتاي ئاقسۇدا يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىگە چېتىپ 4 ئادەمنى قولغا ئالدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈن، ئاقسۇدا 4 ئادەمنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدە يۈز بەرگەن ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمنىڭ جىنايەت گۇماندارى دەپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ساقچى ئورگىنىنىڭ باياناتچىسى خۇ خەنمىن بۇ تۆت كىشىنى 'ئالتە كىشىلىك زوراۋان گۇرۇھنىڭ ئەزالىرى'، 'جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۈلكىگە خېيىم - خەتەر يەتكۈزگەن' لىكى ئۈچۈن قانۇن بۇيىچە جازالاندى، دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىر يىلدىن بۇيان، خىتاي شىنجاڭ دەپ ئاتاۋاتقان بۇ رايوندا مىللىي توقۇنۇش توختىمىدى. ئۇيغۇرلار بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى، بۇ رايونغا كەلگەن خىتايلارنى تاجاۋۇزچىلار دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈنكى خەۋىرىدە، ئاقسۇدا 19‏ - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىنى 'زوراۋانلىق جىنايەت' دەپ ئاتىدى. ۋەقەدە ساقچى ياردەمچىلىرىگە ھۇجۇم قىلغان ئىككى كىشىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمىنى ئەخمەت قۇربان دەپ ئېلان قىلدى. ئەمما، يەرلىك خەلققە دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.