ئاقتۇدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ زىيانلىرى كۆرۈلمەكتە
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.01.08
2009.01.08
خەۋەردە بايان قىلىنغان قوشۇمچە مەلۇماتلار، ئاقتۇ ناھىيىسىدە قوش تىللىق سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس ئۆزلەشتۈرۈشىنىڭ تۆۋەن بولۇۋاتقانلىقى، ئوقۇتقۇچىلار سېپىدە ئىشسىزلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ پەقەت ساۋات چىقىرىش مائارىپى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى قاتارلىق سەلبىي ئالامەتلەر كۆرۈلمەكتە.
خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاقتۇ ناھىيىسىدە قوش تىل بالىلار باغچىسى 35 كە، بۇنىڭدا تەربىيىلىنىۋاتقان بالىلار سانى 1210 غا؛ يېزا - كەنت مەكتەپلىرىدىكى قوش تىل مائارىپ سىنىپلىرى 138 گە، بۇلاردىكى ئوقۇغۇچىلار سانى 4204 كە يەتكەن؛ ئەمما بۇ ساننىڭ ئومۇمى مائارىپ ستاتىستىكىسىدا قانچىلىك نىسبەت تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمىگەن.
خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشتا تەخىرسىزلىك بىلەن قەدەم بېسىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
خىتايدىكى قوش تىللىق مائارىپنى قوللىغۇچى خىتاي مۇتەخەسسىسلەرمۇ، قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ھازىرچە ۋاقىت جەھەتتىن بالدۇر ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم مۇقىملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بولسا، ئۇيغۇرلارغا تېڭىلغان غەيرىي مىللىي مائارىپنى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان سۈيىقەست دەپ قاراپ كەلمەكتە.