ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى يىللىق يىغىنىنى ئۆزبېكىستاندا ئاچتى

ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى يىللىق يىغىنىنى ئۆزبېكىستاندا ئاچتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزكۇر بانكىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاندا يىللىق يىغىن ئىچىشى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010.05.01

يىغىنغا ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرى قاتناشقاندىن باشقا يەنە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى، ئۆزبېك مەركىزىي بانكىسى باشلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرى بولۇپ جەمئىي 300 گە يېقىن ھۆكۈمەت خادىمى قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان ئالتۇن ۋە ئۇران قاتارلىق مول يەر ئاستى بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى تېخى كۆپ ئېچىلمىغان.

نۆۋەتتە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى بۇ خىلدىكى ئېچىش تۈرلىرىگە چەتئەل مەبلىغى قوبۇل قىلىشقا قىزىقماقتا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مەركىزىي لوندوندىكى ياۋرو - ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئانا جېلېنكۋىچنىڭ بىلدۈرشىچە، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ يىللىق يىغىنىنى تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاندا ئېچىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۆزبېكىستانغا بولغان قىزىقىشىنىڭ ئاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.