ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى : ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ھىندىستان ئىنتايىن مۇھىم

ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ستىفان سىمىس ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشتا ھىندىستاننىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-07-28
Share

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىتىفان سىمىس ھازىر ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىكى ھەققىدىكى باياناتىدا بۇ ھەقتە توختالغان. ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خىتايغا مەركەزلىشىپ قالغان بىر شارائىت ئاستىدا، ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەت بولغان ھىندىستاننىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىكى رولىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

سىتىفان سىمىس، ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ سۆزىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئاۋسترالىيىنىڭ ھىندىستان بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ئۈستىدە توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«ھىندىستاننىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا زۆرۈر بولغان رولنى ئۈستىگە ئېلىشى ھەممىمىزنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تەرەققىيات ۋە دېموكراتىيە ئارقىلىق باش كۆتۈرۈۋاتقان ھىندىستاننىڭ ئوينايدىغان رولىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.»

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن باياناتتا، ستىفان سىمىس ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا بىلەن ئۇچرىشىپ، ئاسىيا-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقىغا ئالاقىدار بولغان تېمىلاردا كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئەمما ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنغان كونكرېت مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنمىدى. ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيە ھەر ئىككىسى ھىندىستان بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقى ئورنىتىپ، كۆپ قېتىم ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلارنى ئېلىپ بارغان.

ئاۋسترالىيىنىڭ ئافغانىستاندا 1500 ئەتراپىدا ئەسكىرى بار. ئاۋسترالىيە ھەم ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت