خىتاي ئادۋوكاتلارنى پارتىيىگە سادىق بولۇشقا، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا مەجبۇرلىماقتا

«بوشۈن» تور گېزىتى بۈگۈن، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى 9‏-باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشنىڭ فوتو رەسىمىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شۇنداقلا يەنە، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى بۈگۈن پېشقەدەم كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، جاڭ چۈنشەننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ھەققىدىكى يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق ھەققىدە ۋەدە يازدۇرۇشنى ئۇلارغا ۋەزىپە قىلىپ تاپشۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئادۋوكاتلاردىن، كوممۇنىست پارتىيىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن قەسەمنامە تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇ، خىتايدا چوڭ غۇلغۇلا قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت