مۇتەخەسسىسلەر ئاۋسترالىيىنىڭ ھەربىي تېخنولوگىيىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى

خىتاي ھەربىي سېلىنمىسىنى ھەدەپ ئاشۇرۇپ ھەربىي تېخنولوگىيىسىنى بارغانچە ئىلغارلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاۋسترالىيىنىڭمۇ ھەربىي تېخنولوگىيىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇ ھەقتىكى دوكلات ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىدىكى لوۋي خەلقئارا سىياسەت ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا، ئاۋسترالىيىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوت فلوتىنى 3 ھەسسە كېڭەيتىش، F - 35 تىلىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى سانىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇش ھەمدە پىيادە ئەسكەرلەر سانىنى كۆپەيتىشى كېرەكلىكى قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، ئاۋسترالىيىنىڭ ھەربىي سېلىنمىسىنى يىللاردىكىدىن 2.5 پىرسەنت ئاشۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، كانبېررا دائىرىلىرى بۇ يىل 12 - ماي ئۆزىنىڭ ھەربىي خام چوتىنى ئېلان قىلىدىكەن.