خىتاي بۈگۈن ئاۋسترالىيىنى خىتاي شىركەتلىرىگە دەخلى قىلدى دەپ ئەيىبلىدى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىنى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سودىدىكى ئەركىن رىقابىتىنى چەكلىدى دەپ ئەيىبلىدى. بۇ، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە يېقىندا خىتاي خۇاۋېي شىركىتىگە چەكلىمە قويغانلىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-28
Share

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئىنژېنېرى قۇرغان خۇاۋېي ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى ئامېرىكىدا ھەرىكەت قىلىشى ئاللىقاچان چەكلەنگەن شىركەت ئىدى. كانبېررا ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندا، خىتاي خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە كەڭ ئېكرانلىق تور-ئالاقىسىنى يولغا قويۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا يەنە ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنى تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت