رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئىنژېنېرى قۇرغان خۇاۋېي ئېلېكتر سايمانلىرى شىركىتى ئامېرىكىدا ھەرىكەت قىلىشى ئاللىقاچان چەكلەنگەن شىركەت ئىدى. كانبېررا ھۆكۈمىتىمۇ يېقىندا، خىتاي خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئاۋسترالىيىدە كەڭ ئېكرانلىق تور-ئالاقىسىنى يولغا قويۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا يەنە ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانلىرىنى تىنچ ئوكيان رايونىدا ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋسترالىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.