ئايال يازغۇچى روزىنىسا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە خەت يېزىپ، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103-ماددىسىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى سۇندى

يېقىندا ئامېرىكىدا چىقىدىغان «پۇقرالار سۆزى» ناملىق خىتايچە گېزىتتە روزىنىسا ئىسىملىك بىر يازغۇچى ئايالنىڭ خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە قارىتىپ يازغان ئوچۇق خېتى ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.11.09

ئاپتور ئوچۇق خېتىدە خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 103-ماددىسىدىكى «بۆلگۈچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 35-ماددىسىدىكى «پۇقرالار پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن مەزمۇن بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەزكۇر ماددىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى سۇنغان.

ئاپتورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مەزكۇر ماددا، خىتاي دائىرىلىرى ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە ئەيىبلىشى ۋە جازالىشىغا؛ ئاقىۋەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ناھەق ھالدا تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئاپتور خېتىدە نۆۋەتتە تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان نۇرمەمەت ياسىن، غەيرەت نىياز، مەھەممەدجان ئابدۇللا قاتارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى مەزكۇر قانۇننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ مىساللىرى دەپ كۆرسەتكەن.

ئاپتور ئوچۇق خېتىدە يەنە، ئۇيغۇر رايونىدا 1996-يىلىدىن بۇيان ئىجرا قىلىنىۋاتقان 7-نومۇرلۇق ھۆججەتنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان؛ خەتتە بايان قىلىنىشىچە، 7-نومۇرلۇق ھۆججەت ئەينى چاغدا ۋاڭ لېچۈەننىڭ رايوندا قانلىق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگەن؛ بۇ ھۆججەت ھېلىھەم نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىشىگە ۋە جازالىنىشىغا سەۋەب بولماقتا.

5-ئىيۇل ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىشمۇ تەلەپ قىلىنغان مەزكۇر ئوچۇق خەتتە بايان قىلىنىشىچە، ئاپتور روزىنىسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى، دۆلەت خىراجىتى بىلەن فرانسىيىگە چىقىپ، پارىژدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان مەزگىلىدە يازغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.