ئامېرىكىدا يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغان نېگىرىيىلىكنىڭ ئەل - قائىدە تەشكىلاتىغا چېتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مەلۇم بولۇشىچە، نېگىرىيىلىك ئۇمار فارۇق ئابدۇلمۇتاللاب، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامىستېردامدىن يولغا چىقىپ ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان ئامېرىكا غەربىي شىمال ئاۋىئاتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قولغا چۈشكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.12.26

خەۋەرلەردە كۆرسىتىشىچە، يولۇچى ئابدۇلمۇتاللاب ئايروپىلاننى پارتلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ چىققان پارتلاتقۇچى ئۈسكۈنە ئۇنىڭ پاقالچىقىغا تېڭىلغان بولۇپ، ئايروپىلان دېترويتقا تەخمىنەن 20 مىنۇت قالغاندا بۇ ئۈسكۈنە ئوت ئېلىپ كەتكەن.
 
BBC دا كۆرسىتىشىچە، ئابدۇلمۇتاللابنىڭ پاقالچىقى كۆيۈپ يارىلانغاندىن باشقا، ئايروپىلاندا ھېچكىم زەخمىگە ئۇچرىمىغان.

شۇ ئايروپىلاندىكى جەسپېر ئىسىملىك يەنە بىر يولۇچى باشقا ئايروپىلان خادىملىرىغا ياردەملىشىپ ئابدۇلمۇتاللابنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغان.

ئامېرىكا ئاقساراي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلمۇتاللاب ئۆزىنىڭ يەمەنگە جايلاشقان ئەل قائىدە ئەزالىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 23 ياشلىق ئابدۇلمۇتاللاب ئەسلى نېگىرىيىنىڭ لاگوس شەھىرىدىن گوللاندىيىنىڭ ئامىستېردام شەھىرىگە كەلگەن ۋە ئايروپىلان ئالمىشىپ ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىگە يولغا چىققان.

ئاقساراي خادىملىرى بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئاتىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئامېرىكا ئاناۋەتەن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئايروپىلان يولۇچىلىرى ئۈستىدىكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ۋە گوللاندىيە دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەنىڭ يەنە يوشۇرۇن خاراكتېرلىك خەلقئارالىق تېررورلۇق ھۇجۇملىرى بىلەن چېتىشلىق ياكى ئەمەسلىكى ۋە ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى ئۈستىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماققا.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.