باياناتچى دىلشات رىشىت دائىرىلەرنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت 20-نويابىر كۈنى رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دىلشات رىشىت سۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى:
‏-دائىرىلەرنىڭ خىتاينىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە قانۇن كادىرلىرىغا يىغىن ئېچىپ، «ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،رايوننىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» نى تەكىتلىشى، ئەمەلىيەتتە رايوندا يەنە بىر نۆۋەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ بېشارىتىنى بەرمەكتە. دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىدە دېموكراتىيىنى، باراۋەرلىكنى ئۈمىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە، دائىرىلەرنىڭ يېڭى باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشنى بارغانچە كۈچەيتىشى، ئەمەلىيەتتە رايوندا ئۇلار ئارزۇ قىلغان مۇقىملىقنى ئەمەس تېخىمۇ كۆپلىگەن نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەۋەب بولىدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە سىياسى-قانۇن كومىتېتى 19-نويابىر كۈنى سىياسىي قانۇن ساھەسىدىكى كادىرلارغا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيۇڭ شيەنگو سۆز قىلىپ، «پۈتكۈل ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسى-قانۇن ساھەسىدىكى كادىرلار ۋە ساقچىلار رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى بىرىنچى ۋەزىپە دەپ بىلىپ، رايوننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت