ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما «11- سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بايان ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خەلقنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 11- سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بايان ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا خەلقنى تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-09-10
Share

ئۇ مۇنداق دېدى: دۇنيا شۇنى روشەن كۆرۈپ يەتتىكى، ئاشۇ سېنتەبىر بىزگە ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلار خەلقىمىزنىڭ خاراكتېرى، ۋەتىنىمىزنىڭ بەردەملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ چىدامچانلىقىغا تەڭ كېلەلمىدى.

ئوباما يەنە، ئامېرىكا خەلقىنى قوغداشتا بارلىق چارىلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: ئالدىمىزدا نېمە توسالغۇ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بىر بەردەم دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز يەنىلا ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز، دېدى. پرېزىدېنت ئوباما يەنە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئامېرىكا خەلقى 11- سېنتەبىر يەكشەنبە كۈنى 2001 - يىلدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ. مەزكۇر ھۇجۇمدا 3 مىڭغا يېقىن بىگۇناھ ئىنسان ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت