ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئىقتىسادنى قوزغىتىش قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 2 ‏ - ئاينىڭ 17‏ - كۈنى دەنۋېر شەھىرىدە، 787 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادنى قوزغىتىش قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.18

بۇ قانۇن ھازىر ئامېرىكىدا ھۆكۈمەت ئىقتىسادقا ئارىلىشىدىغان يېڭى يول بەلگىسى بولۇپ قالدى. بۇ قانۇن ماددىلىرىدا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ پۇلنىڭ %64 ئى ئاساسىي قۇرۇلۇش، ساقلىقنى ساقلاش، ئېنېرگىيە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا، %36 ئى شىركەتلەرگە، شەخسىلەرگە باج كەچۈرۈم قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە ' بۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئاخىرلاشقانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى ئەمدى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دەپ قارايمەن' دېگەن.

ئوباما ئىمزا قويغان بۇ قانۇن ئامېرىكا تارىخىدا ئىقتىسادنى قوزغىتىش ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ چوڭ قانۇن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ قانۇن لايىھىسى كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەردىن ئاران 3 ئەزا ئاۋاز بەرگەن، ئاۋام پالاتاسىدا بولسا جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بىرمۇ ئەزا ئاۋاز بەرمىگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قانۇننىڭ بىر ماددىسىدا ئامېرىكا مېلىنى سېتىۋېلىش' تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ماددا ئامېرىكىنىڭ باشقا ئىقتىسادىي شېرىكلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى، بۇ قېتىم رەسمى ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىكى بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.