بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېرما ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر بۈگۈن بايان ئېلان قىلىپ، بېرما ھۆكۈمىتىنى ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى ئاڭسەنسۇجى خانىمنى ۋە پۈتۈن سىياسىي مەھبۇسلارنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.05.23

بېرما ھۆكۈمىتى 20 يىلدىن بۇيان بېرمىدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى ئاڭسەنسۇجى خانىمنى نەزەربەنت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەركىن سۆزلىشىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان ئىدى. تۈنۈگۈن يەنە، 'ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىمىسىگە خىلاپلىق قىلدى' دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىپ قاماپ قويغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى جىمى كارتېر 5 ‏- ئاينىڭ 16 ‏- كۈنى س ن ن تېلېۋىزىيىسىدە، بېرما مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا 'بېرمىدا سوت مەھكىمىلىرىنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىنى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى كونترول قىلىۋالغان، بېرما ھۆكۈمىتىگە خىتاي، ھىنىدستان، تايلانت قاتارلىق خوشنا دۆلەتلەر ئوخشىمىغان نوقتىدىن تەسىر كۆرسۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ' كۆرسەتكەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.