ب د ت ھەر قايسى دۆلەتلەرگە سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا قۇرۇقلۇققا چىقىپ زەربە بېرىش ھوقۇقى بەردى

ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە بۇ يىل 6 ‏ - ئايدىن بۇيان سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى مەسىلىسى بۇيىچە 4 قېتىم قارار ئېلىنىپ بولدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.17

تۆتىنچى قېتىملىق قاراردا، ب د ت نىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرگە دېڭىز، ھاۋا، قۇرۇقلۇق كۈچلىرىنى ئىشقا سېلىپ، قولىدىن كەلگەنلىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، قۇرۇقلۇققا چىقىپ، سومالى دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بېرىشكە ھوقۇق بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ قارارنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى بىر يىل.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا لايىھىلىگەن بۇ قارارغا بېلگىيە، فرانسىيە، گرېتسىيە، لىبىرىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئىمزا قويغان ئىدى. بۈگۈن سومالى دېڭىز تېررىتورىيىسىدە، كۆپ دۆلەت قىسىملىرى سومالى دېڭىز قاراقچىلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان خىتاينىڭ جېنخۇ 4 بەلگىلىك بىر بېلىقچى پاراخوتى ۋە ئۇنىڭدىكى 30 ئادىمىنى قۇتقۇزدى.

خىتاينىڭ 'يەرشارى خەۋەرلىرى' گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي يېقىندا سومالىنىڭ دېڭىز تېررىتورىيىسىگە مۇھاپىزەت ئۈچۈن ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىشنى پىلانلىغانلىقى، خىتاينىڭ تىنچ ئوكياندىن باشقا دېڭىز تەۋەسىگىمۇ ئۆزىنىڭ دېڭىز كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى سومالى ھۆكۈمىتى قارشى ئالغان ۋە بۇنى سومالىنىڭ تىنچلىقىنى قوللىغانلىقى دەپ رەھمەت ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.