ب د ت نىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدىكى قارارى ئاقمىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئېخۇد ئولمارت، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ماقۇللىغان غەززەدە دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى غەززەدىن چېكىنىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغا قارىماي، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا يەنە، غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشكە يول قويۇش شۇنداقلا خاماسنىڭ قورال - ياراق يۆتكىشىدىن ساقلىنىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى. لېكىن  ئېخۇد ئولمارت، ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت نىڭ ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى " ئىجرا قىلغىنى بولمايدىغانلىقى"نى، چۈنكى خاماسنىڭ بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاماسنىڭ لىۋاندىكى ۋەكىلى ب د ت نىڭ قارارىغا قىزىقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. نۆۋەتتە ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا، خاماس بولسا ئىسرائىلىيىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى راكېتا ئوقىغا تۇتماقتا.

غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئەھۋالى ب د ت كىشىلىك ھوقۇقى دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى نەۋى پىللەي خانىم جۈمە كۈنى، ئەگەر ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يارىلانغان پۇقرالارغا ئەۋەتىلىدىغان ياردەمنى توسىغانلىقىغا دائىر بايانلار ئىسپاتلانسا، بۇ ھەرىكەت ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ، دېگەن.

قىزىل كرىست جەمئىيىتى ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يارىلانغان پۇقرالارغا يوللىنىدىغان ياردەمنى توسىغانلىقىغا دائىر بايانلاردا بولغان ئىدى. نەۋى پىللەي يەنە، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىغا راكېتا ئېتىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت