ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ئىرەنسىزلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان ئاۋستىرالىيىلىك 2 دىنىي پائالىيەتچى، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋەقەسىدە ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىگە ئېرەنسىزلىك بىلەن قارىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-02-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دېنىس كوھلان ۋە تايا خۇنت ئىسىملىك ئاۋستىرالىيىلىك بۇ ئىككى خانىم مۇساپىرلار خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خەلقئارا دىنىي تەشكىلاتنىڭ خادىملىرى ئىدى.

تايا خۇنت كامبودژادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ مەسىلىسىگە ئارىلاشقان بولۇپ، ئۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشىنى كامبودژا بېجىرىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەشكە باشلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تايا خۇنت ئەينى چاغدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ، "بىز بارغانسېرى ئەنسىرەشكە باشلىدۇق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى. بۇنى ھەر كۈنى دېگىدەك ب د ت مۇساپىرلار دائىرىلىرىگە يەتكۈزۈپ تۇردى" دېگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە جېزىيۇت مۇساپىرلار مۇلازىمەت تەشكىلاتىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسى بىلەن 5 قېتىم ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تايا خۇنت، كامبودژا - خىتاي مۇناسىۋىتى، كامبودژانىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيىسى ۋە مۇساپىرلارغا تۇيۇقسىزلا ئىگە چىقىشى ئۆزلىرىدە گۇمان قوزغاپ، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇ، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ بۇنىڭغا ئېرەنسىزلىك بىلەن قاراپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى 17 ‏- دېكابىر كۈنى كامبودژا ھۆكۈمىتى ۋە ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر تۇرالغۇغا يۆتكەپ ئاپارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت