ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات ئورنى خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان جايلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ب د ت نىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى بويىچە ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان ئورگىنى بۈگۈن، يەر شارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىدە، بۇنىڭدىن كېيىن خەتەرگە يۈزلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەر ۋە چوڭ شەھەرلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-10-26
Share

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، يەر شارىدا يۈز بېرىۋاتقان كىلىمات ئۆزگىرىشىدە بۇنىڭدىن كېيىن چوڭ خەتەرگە يۈزلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەت ۋە شەھەرلەر ئاساسەن ئافرىقا بىلەن ئاسىيادا.

بېنگال، ھىندىستان، دېموكراتىك كونگو قاتارلىق 30 دۆلەت ئەڭ چوڭ خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ھىندونېزىيە، بېرما، ۋيېتنام، فىلىپپىن، كامبودژالار چوڭ خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئامېرىكا، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇراھال خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى بار دۆلەتلەر دەپ قارالغان.

شەھەرلەر بويىچە ئايرىغاندا، ئەڭ چوڭ خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار شەھەرلەر كالكوتتا، جاكارتا، داكا، مانىلالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. چوڭ خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار شەھەرلەر بومباي، چېنناي، كاراچى، كابۇل، لاھور، دېھلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ئوتتۇراھال خەتەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى بار شەھەرلەر گۇاڭجۇ، خارتۇم، شاڭخەي، بېيجىڭ، قاھىرەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت