ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى كېلەر ھەپتە لىۋىيە ھەققىدە قارار ماقۇللايدۇ

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى كېلەر ھەپتە لىۋىيە ھەققىدە قارار ماقۇللاپ، ئىلگىرى لىۋىيىگە قويۇلغان ئىقتىسادى ۋە باشقا چەكلەش تەدبىرلىرىنى يېنىكلىتىش چارىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-09-10
Share

قارار مەزمۇنلىرىدىن خەۋەردار دىپلوماتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت ئالدى بىلەن ئۆتكەن 6 ئايدىن بۇيان لىۋىيىگە قارشى قويۇلغان جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، لايىھىنى ئەنگلىيە تەرەپ تەييارلايدىكەن ھەمدە كېلەر ھەپتە لايىھە ئاۋازغا قويۇلىدىكەن.

يىللاردىن بۇيان قازافىي ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرلەردە لىۋىيە نېفىت شىركەتلىرىگە ۋە لىۋىيىنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئەركىن سودا قىلىشىغا كۆپ چەكلىمىلەر قويۇلغان.

بۇ نۆۋەت ئېلىنىدىغان قارارنىڭ لىۋىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت