بان كىمۇن ئۆزبېكىستاننى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا چاقىردى
ئۇ، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە جايلاشقان دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نوتۇق سۆزلەپ، ئۆزبېكىستاننىڭ كۆپىنچە خەلقئارالىق ۋەدىلىرىنى ئاقلىمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋە "ھازىر بۇلارنى تولۇق يولغا قويىدىغان ۋاقىت كەلدى" دېگەن. ئەمما ئۇ، 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسى ھەققىدە توختالمىغان.
بان كىمۇن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف بىلەن بەرگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشتا ئۈلگە تىكلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، بىر نەپەر ب د ت خادىمى، كېرىموفنىڭ بان كىمۇن ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
ئۆزبېكىستان 1991 - يىلى سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن بېرى، ئۆزبېكىستاننى ئىسلام كېرىموف سوراپ كەلمەكتە. خەلقئارادىكى كىشىلىك تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفنىڭ قاتتىق رېجىم سىياسىتى يولغا قويۇپ، ئۆزبېك خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھەر تەرەپلىمە دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى.