ب د ت سۈرىيىدىن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى توسماسلىقنى تەلەپ قىلدى

«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ بېيرۇتتىن بايان قىلىشىچە، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مەسئۇل ئەمەلدارى ۋالىرە ئاموس خانىم بۈگۈن سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە، ب د ت ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى توسماسلىق كېرەك دەپ تاپشۇرغاندىن كېيىن، سۈرىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن خانى ۋەيران قىلىنغان خومس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب د ت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر سۈرىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سانى 7 مىڭ 500 دىن ئاشىدۇ. ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ سانى 8 مىڭدىن ئارتۇق. ھازىر ئاساد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان سۈرىيە شەھەرلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىلىدىغان ئۇرۇشتىن خالى بەلۋاغ تەسىس قىلىش كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت