بەھرەين ھۆكۈمىتى نامايىشنى بېسىقتۇرۇش داۋامىدا ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى
ئۆز مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.11.21
2011.11.21
مەلۇم بولۇشىچە، بەھرەيىندە ھەربىي ھالەت يولغا قويۇلۇپ، نامايىش بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن بەھرەيىن پادىشاسى خاماد دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىسيونى تەشكىللەپ، ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈشكە يول قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كومىسيون تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ساقچىلارنىڭ نامايىش داۋامىدا 846 نەپەر كىشىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى، 4 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، كۆپ ساندىكى نامايىشچىلار ئائىلە تاۋاباتىنىڭ تەھدىت ۋە خارلىنىشقا يولۇققانلىقىنى پاش قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە كومىسيون ھازىرلىغان بۇ دوكلات ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر دوكلات ئېلان قىلىنغاندا، خەلق ئىچىدە قايتا بىر قوزغىلىش يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بەھرەيىن بۈگۈنكى ئېتىراپ باياناتىنى ئېلان قىلغان. بەھرەيىن ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى باياناتىدا كۆپ ساندىكى ساقچىلارنىڭ نامايىشنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەۋرچانلىق قىلغانلىقىنى ۋە بەزى نامايىشچىلارنىڭ رادىكال ھەرىكەتلەر بىلەن قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن. بەھرەيىندە كۆپ سانلىق نوپۇس شىئەلەردىن بولۇپ، دۆلەت 40 يىلدىن بېرى ئاز سانلىق سۇنئىيلەردىن بولغان سەيىخ ئىسا بىن سالمان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى خاماد بىن ئىسا تەرىپىدىن باشقۇرۇلماقتا.