بېيجىڭدا ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر رايونىغا «ئىختىساسلىق خادىم» يۆتكەش تەكىتلەندى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ شەھىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىزمەت ئالاقە يىغىنى ئېچىپ، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان.

يىغىنغا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارى ليۇ چى ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەنلەر قاتناشقان بولۇپ، ليۇ چى سۆزىدە ئۇيغۇر رايونىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كۆپلىگەن ۋە ھەر ساھە «ئىختىساسلىق خادىم» لىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىلىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ ھەرساھە ئىختىساسلىق خادىملىرىنى خوتەن ۋىلايىتىگە مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ھالقىما تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن «ئىختىساسلىق خادىم» تەكلىپ قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا خىتاي كۆچمىنى يۆتكىشىنىڭ يەنە بىر خىل ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ باش سېكرېتارى جاڭ چۈنشەن يىغىندا ئالدى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قىلىۋاتقان «خالسىەنە» ياردىمىگە تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن «ئۇيغۇر رايونىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلارنى ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە تەربىيىلەش خىزمىتى ۋە شىنجاڭلىق سەرگەردان بالىلارنى پاناھلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ھالقىما تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېگەن.

ئۇنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇندىن كېيىن بېيجىڭدا ئىشلەۋاتقان شىنجاڭلىق ئىشلەمچىلەر ۋە تىجارەتچىلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ تۇرۇپ ئىشلەيدىغان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىب قېلىشنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.