خىتاي بېرمىنى سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشى توختامىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

بىرما پرېزىدېنتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بېرمىنىڭ شىمالىدىكى سۇ ئېلېكتر قۇرۇلۇشىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. قۇرۇلۇش خىتاينىڭ بىر سۇ ئېلېكتر شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ، رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرما ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر قۇرۇلۇش ھەققىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلگەن توختامغا ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىرما ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان. بىرما ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم ئەركىن سايلام ئېلىپ بارغان.

سايلام گەرچە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۈتكىنىدەك دەرىجىدە دېموكراتىك بولمىغان بولسىمۇ، خەلق ئىچىدىكى مەلۇم گۇرۇپپىلارنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشكەن. شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر، بېرمىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىنى بۇ دۆلەتتىكى ئازغىنە دېموكراتىك مۇھىتنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشماقتا.

يەنە خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان جاي، يىللاردىن بېرى بېرمىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىۋاتقان كاچىن مىللىتىگە ئائىت ئاھالىلەر رايونىدۇر. كاچىنلار بىرقانچە يىلدىن بېرى دۆلەتنىڭ بىر قىسىم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن بىرقانچە قېتىم پارتلىتىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان.

بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خىتاي بېرمىنى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رايوننىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت