بېرمىدىن ئونمىڭلىغان خىتاي يۈننەنگە قېچىپ كەلمەكتە
باش ئورگىنى ۋاشىنگتوندىكى بېرما ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ بايان قىلىشىچە، بېرما ھۆكۈمىتى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خىتايلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن گوگەن رايونىغا ئەسكەر كىرگۈزگەندىن كېيىن، بۇ رايوندا جىدىي توقۇنۇش يۈز بېرىشكە باشلىغان.
گەرچە بۇ رايوندا 20 يىلدىن بۇيان كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ رايوندا كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن خىتايلار، بېرمىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملاردا ھېچقانداق پايدا ئالالماي كەلگەنلىكتىن، ھۆكۈمەتكە قارىتا قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىشنى توختاتمىغان ئىدى.
تۈنۈگۈندىن باشلاپ بۇ رايوندىن ئونمىڭلىغان ئادەمنىڭ خىتايغا قېچىپ كېلىشكە باشلىغانلىقى، بۇ يىل بېرمىدا چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندا، بېرما ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ئۆزىگە قارشىلىق كۆرستىۋاتقان كۈچلەرنى بوي سۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرۇش چارىسىنى قوللانغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېرمىنىڭ گوگەن رايونىدىن يۈننەنگە قېچىپ كېلىۋاتقان خىتايلارغا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سىياسىي پاناھلىق بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى تېخىچە نامەلۇم.