بېيجىڭدا تەبرىك درامسالادا نامايىش

خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا كوممۇنست پارتىيە تىبەتتە ھاكىمىيەت يۈز گۈزگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر درامسالادا نامايىش قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ درامسالادىن بايان قىلىشىچە، خىتاي بېيجىڭدە 'قۇللارنى ئازاد قىلغان كۈن'نى تەبرىكلىگەندە، مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەر درامسالادا ، خىتاينىڭ تىبەتنى ئىشغال قىلغانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا تىبەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ھىمالايا رايونىدا تىبەتلەرنى قىرغانلىقىنى كۆرگەزمە قىلىپ، 'ئەللىك يىللىق زۇلۇمنى توختات'، 'تىبەتكە ئەركىنلىك' دەپ جاراڭلىق شۇئار توۋلاپ ماڭدى.

ئۇلار كەچتە يەنە شام كۆتۈرۈپ نامايىش قىلىپ، مۇشۇ 50 يىل ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان بىر مىليوندىن ئارتۇق تىبەت خەلقنى ئەسلىدى، تىبەتتە دىن، مەدەنىيەت ۋە مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىغا ئېچىنىش ئىپادىلىدى.

باشقا دۆلەتلەردە تۇرۇۋاتقان تىبەتلەرمۇ ھەرخىل پائالىيەت ئويۇشتۇرۇپ، مۇشۇ ئەللىك يىلدا ، تىبەتلەر دىنى ئېتىقات ئەركىنلىكىدىن، كىشىلىك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقى، تىبەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كىملىكى يۇقۇتۇلۇپ خىتايلاشتۇرۇش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە لەنەت ياغدۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 50 يىلىنى، تىبەتتىكى فىئودال مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ، قۇللارنى ئازد قىلىپ، تىبەتكە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن 50 يىل دەپ تەشۋىق قىلدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان 50 يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، بىر تەرەپتىن ئۆزى مەنسەپكە قويغان 19 ياشلىق كوممۇنىست بەنچەن لامانى تەشۋىقات قورالى قىلىپ قوللانسا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تىبەتتە ئۆزىنڭ قوراللىق كۆچىنى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلاپ، تىبەت يۇرتلىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت