بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسدا گاز پارتلاپ يارىلانغانلار داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىنى ساقچىلار قورشىۋالغان

نيۇيورك تايمىس گېزىتى'نىڭ بۈگۈنكى سانىدا، بېيجىڭدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئېلان قىلغان يېڭى خەۋەردە، خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بەش كۈن قالغاندا، بېيجىڭدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسى، تيەنئەنمېن مەيدانىغا يېقىن جايدا كۆپ ئادەمگە پىچاق سېلىپ ئىككى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، 14 ئادەمنى يارىلاندۇرغان بىر چوڭ ۋەقەدىن يۈز بەرگەن ۋەقە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.26

بۇنىڭ بىلەن، بېيجىڭ ئاھالىلىرىنىڭ دىققىتى بىردىنلا تيەنئەنمېن ئەتراپىدىن، شىنجېكۇ كوچىسىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بورالدى. خىتاينىڭ ساقچى دائىرىلىرى، بۇ ۋەقەدە 5 ئادەم يارىلاندى، دەپ بايان قىلدى.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، شىنجېكۇ كۇچىسىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇ گېزىتنىڭ مۇخبىرى، يارىلانغان كىشىلەرنىڭ بېيجىڭ جىشۇيتەن دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى كۆرگەن. دوختۇرخانا خادىمى 'ئۈستى - بېشى قانغا مىلەنگەن 18 نەپەر يارىدار كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر كىچىك بالا بار، بىر ياشانغان ئادەم دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن ھۇشسىزلاندى، بۇ دوختورخانىدا ئايالىنى داۋالىتىۋاتقان بىر كىشىمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا يارىلانغاندىن كېيىن، ھازىر بۇ دوختۇرخانىنىڭ بىمارى بولۇپ قالدى ' دېگەن.

شۇنىڭدىن كېيىنلا، بۇ دوختۇرخانىنىڭ 7 ‏ - نومۇرلۇق بىناسىدىكى 2119 نومۇرلۇق كېسەلخانىنى ساقچىلار قورشىۋالغان. ساقچىلار ھازىر بۇ جايغا مۇخبىرلارنىڭ كېلىشىنى چەكلەپ قالماي، بەلكى بۇ كېسەلخانىغا كەلگەن ھەر قانداق ئادەمنى توساپ تەكشۈرۈۋاتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.