بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىرىدا 'يەر شارىدا بىر سائەت' پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا تەبىئەت فوند جەمئىيىتىنىڭ تەكلىبىگە ئاساسەن، 2007‏ - يىلى 3 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى ئاۋسترالىيىنىڭ سېدنىي شەھىرىدە، مۇھىت ئاسراش ئاكتىپلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا شەھەر ئاھالىلىىرى بىر سائەت چىراق ئۆچۈرۈپ، دۇنيا مۇھىتىنىڭ بۇلغۇنىشغا بولغان غەمگۇزارلىقىنى ئىپادىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.03.28

شۇنىڭدىن كېيىن، دۇنيادا 'يەر شارىنى قۇتقۇزۇش' دېگەن مەقسەتنى ئىپادىلەيدىغان بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان ئورۇن 1600 دىن، بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئادەم سانى بىر مىليارتتىن ئاشتى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، سىمۇۋۇل خارەكتىرلىق بىنالاردا، ھەتتا داڭلىق قاۋاقخانىلاردا كەچ سائەت 8 يېرىمدىن 9 يېرىمغىچە، بىر ئاسەت چىراق ئۆچۈرۈپ 'يەر شارىدا بىر سائەت' پائالىتىيى ئۆتكۈزۈلدى.

ئۈرۈمچى خەۋەر تورىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدىمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، مالىيە ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باشلامچىلىقىدا، مەكتەپلەردە 2009 ‏- يىل 3 ‏- ئاينىڭ 28 ‏- كۈنى دېگەن چىسلا ياكى 1 دېگەن سانلا يېزىلغان بەلگىلەر پەيدا بولدى، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا بىر سائەت چىراق ئۆچۈلدى. كارىفور سودا سارىيىدىمۇ، چىراقلارنىڭ 3 تەن 2 قىسمى ئۆچۈرۈلدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.