بىڭتۇەندە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قۇرۇلدى

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» بۈگۈن، خىتاينىڭ يېڭى چېگرا ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش ئارمىيىسى (بىڭتۇەن) ‏دە 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بىخەتەرلىك ئىدارىسى قۇرۇلدى، دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«بوشۈن» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى چېگرا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، بىڭتۇەن سىياسىي كومىسسارى چې جۈن بۇ مۇراسىمدا، بىڭتۇەن بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەركەزنىڭ تەستىقى بويىچە قۇرۇلغان مەمۇرى ئورگان، بۇ ئورگان ئەمدى ئۆزىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ۋە جىنايى ئىشلارنى رازۋېدكا قىلىش ھوقۇقىنى بىمالال يۈرگۈزىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيانلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى بىۋاسىتە تىنچىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا جازا قوللىنىدۇ دەپ جاكارلىغان.

بىڭتۇەن-كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى 1949‏-يىلى بېسىپ كىرگەندىن كېيىنلا، ھەربىيلەر ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ يەرلىك خەلقنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىدۇ دېگەن نام بىلەن قۇرۇلغان ھەربىي ئورگان.

شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ بىڭتۇەننىڭ قوراللىق دېھقانلىرى ۋە ئىشچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىن، بايلىقلىرىنى ئىگىلەپ، تەدرىجىي ھالدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بىۋاسىتە قارايدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك ئورگانغا ئايلاندى ۋە بۇ پۇقراچە كىيىنگەن ھەربىي قىسىم يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ھەرخىل باھانە بىلەن قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت