ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتمۇ-قات كۈچەيتىلمەكتە

18-ئىيۇل كۈنى خوتەندە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قاتمۇ-قات كۈچەيتمەكتە.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-07-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن شىنخۇا تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 16 ئايرودرومدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بىردەك ئاشۇرغان.

قارار بويىچە، قەشقەر، خوتەن، غۇلجا، قۇمۇل ئايرودروملىرىدا يولۇچىلارنى ئۇزىتىپ چىققانلارنىڭ ئايرودروم بىناسىغا كىرىشىگە يول قويۇلمىغاننىڭ سىرتىدا، ئۇچۇش ئالدىدا تۇرغان يولۇچىلار بىرىنچى قېتىملىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ئايروپىلان كۈتۈش بۆلۈمىگە كىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، پەيشەنبە كۈنى يەنە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ساقچى ئالاھىدە ئەترىتى تېررورلۇققا تۇيۇقسىز زەربە بېرىش مەشىقى ئېلىپ بارغان. نەچچە يۈزلىگەن ساقچى توپىلاڭنىڭ ئالدىنى ئېلىش سېپى، ئوق مەشىقى، جىددىي قۇتقۇزۇش مەشىقى ۋە بومبا چۇۋۇش قاتارلىق مەشىقلەرنى ئېلىپ بارغان.

خىتاي دائىرىلىرى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ قارىلاپ، ۋەقەدىن كېيىن خوتەندە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئۇيغۇر ئېلىدە نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، خەلقئارا جامائەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق ئۇقۇمىنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان ۋاسىتە قىلىۋېلىشتەك قىلمىشىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت