بېرما دائىرىلىرى بېرمىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلات بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمگە ئىمزا قويغان
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.12.03
2011.12.03
مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاش مۇراسىمىغا شاھىت بولغان كېلىشتۈرگۈچىنىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، كېلىشىم، بېرمىنىڭ جەنۇبىدا ھۆكۈمەتكە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان قوراللىق تەشكىلات - شان جەنۇبىي شتات ئارمىيىسى بىلەن بېرمىنىڭ شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمىتى ئارىسىدا ھازىرلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كېلىشىمدىن كېيىن، شاد (ياكى شان) شتات ئارمىيىسى كېيىنكى قەدەمدە بېرما مەركىزىي ھۆكۈمىتى بىلەن سۈلھى تۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدىكەن.
بېرما ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان ھەمدە نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ئانسياڭ سۇكىيغا قارىتىلغان نەزەربەندنى بىكار قىلغان ۋە بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ بېرمىدىكى نۇرغۇن سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن ئىدى.
بېرمىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ مەزكۇر دۆلەتكە قاراتقان زىيارىتىنىڭ ئالدى - كەينىدە ئارقا - ئارقىدىن كۆرۈلۈشكە باشلىغان.