بۇش ب د ت يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا رۇسىيىنى تەنقىدلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.09.24

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئۆزىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە ب د ت يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق پۇرسەتتە قىلغان سۆزىدە، پۈتۈن دۇنيا رەھبەرلىرىنى گروزىيە خەلقى تەرەپتە تۇرۇشقا ۋە پۈتۈن دۇنيادا كەڭ مەنىدىكى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.

جورج بۇش سۆزىدە يەنە، سەككىز چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى خىتاي، ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، مېكسىكا ۋە برازىلىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگىچە كېڭەيتىشنى تەشەببۇس قىلدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.