بۇش ئەسلىمىسىدە ئىراقتا بىئولوگىيىلىك قوراللار بارلىقى ھەققىدە مىسىر پرېزىدېنتى مۇبارەكنىڭ خەۋەر يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
بۇشنىڭ "قارار نۇقتىلىرى" ناملىق ئەسلىمىسىدە ئەسكەرتىشىچە، ھۈسنى مۇبارەك ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى گېنېرالى تومىي فرانكقا مەلۇمات بېرىپ، "ئىراقتا بىئولوگىيىلىك قوراللار بار ۋە ئۇنى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئىشلىتىشى مۇمكىن" دېگەن.
بۇش ئەسلىمىسىدە يەنە، "ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئەرەب جامائەتچىلىكىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن قورققانلىقى"نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، مىسىر پرېزىدېنتى تەمىنلىگەن بۇ ئاخبارات ئۇنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتكەن. بۇش يەنە، دىپلوماتىك ئۇرۇنۇشلارنىڭ دېگەندەك ئىشقا يارىمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرىدا ئەنسىزلىك ياراتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىر كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان باش ئەلچىسى شاھزادە بەندەر بۇشنىڭ ئىشخانىسىغا كېلىپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بىر قارارغا كېلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇش يەنە، ئۆزىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى چىقىرىشىدا، ناتسېستلار گېرمانىيىسىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىلارغا قاراتقان چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبلىرىدىن ئېللىې ۋېيسېلنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئېلىې ۋېيسېل سادام ھۈسەيىننىڭ ۋەھشىلىكىنى ناتسېستلار قىرغىنچىلىقى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، "سىزنىڭ شەيتانغا قارشى تۇرۇش ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتىڭىز بار" دەپ خەت يازغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن، بۇش ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ ئىراققا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ توغرا قارار چىقارغانلىقىغا پەقەت تارىخنىڭ باھا بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.