بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋەزىيىتى ھەققىدە تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئاق ساراينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دۈشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2008.09.23

جورج بۇش خۇ جىنتاۋغا پۇل مۇئامىلە بازىرىنى تەڭشەشتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

خۇ جىنتاۋ تېلېفوندا بۇشقا خىتاينىڭ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە بازىرىغا جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش ئامېرىكا ئىچكى بازىرىنى ھەمدە ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىدىمۇ چوڭ رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۈر تېلېفون دىئالوگى ئېلىپ بېرىلىشنىڭ ئالدىدا بۇش ھۆكۈمىتى كرىزىستا قالغان بانكىلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن 700 مىليارد دوللار پۇل ئاجرىتىشنى قارار قىلغان ئىدى.

رويتېرىست ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئىقتىسادى تۇراقلىقى خىتاينىڭ ئىختىسادىغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ يالغۇز خىتاينىڭ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تاشقى پېرىۋوت زاپىسى بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، خىتاي ئامېرىكا فېدېرال زايۇمى ھەم يەر مۈلۈك شىركەت مەبلەغلىرىگە ئىگە بولغانلىقتىن، ئامېرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي كرىزىس سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بۇنىڭ ئالدىدا ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، يىمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، مەھسۇلاتلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي - ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يەنە، بۈگۈن ئەتىگەن تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاماغا مەخسۇس تېلېفون قىلىپ، دالاينىڭ تەن ساقلىقىغا ئۆزىنىڭ ھەم ئامېرىكىنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.