خىتاينىڭ چاغىنىدا مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاندى

خىتايدا چاغان مەزگىلىدە ئېتىلغان ساليوتلاردىن چىققان ئەخلەت ۋە ئۇنىڭدىن چىققان ئىس -تۈتەك مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان. بېيجىڭ ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پەقەت بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 80 مىڭ توننا ئەخلەت يىغىلغان بولۇپ، بۇ ئەخلەتلەرنى تازىلاش ئۈچۈن جەمئىي 23 مىڭ تازىلىق ئىشچىسى ئىشلىگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.02.18

ئىگىلىنىشىچە يەنە، بۇ يىل ئېتىلغان ساليوتلاردىن كېلىپ چىققان ئەخلەتنىڭ مىقدارى ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا 11 توننا ئارتقان.

خىتاي مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2009 - يىلى كوپىنھاگېندا ئېچىلغان خەلقئارا كىلىمات يىغىنىدىمۇ دۇنياغا ئەڭ كۆپ پارنىك گازى قويۇپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينى باشقا دۆلەتلەر كىلىمات سۆھبىتىدە ئاكتىپ بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىگەن، ھەتتا ئەنگىلىيىنىڭ مۇھىت ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرى ئېد مىللىباند ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتىدىكى ماقالىسىدە، خىتاينى كىلىمات يىغىنىدا قارار چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، "خىتاي كىلىمات سۆھبىتىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىشقا ئۇرۇندى" دېگەن ئىدى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېتىلغان ساليوتلار تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى قاپلىۋالغان ئىس - تۈتەك ئۇزۇنغىچە يوقىمىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۈرۈمچىدىكى باشقا مىللەت ئاھالىلىرى ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان. چۈنكى ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتى بۇلغىنىش دەرىجىسى ئەسلىدىلا ناچار بولغاچقا، بولۇپمۇ قىش كۈنلىرى ئۈرۈمچىدىكى پار قازانلىرىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، دائىرىلەرنىڭ مۇھىت مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك ئۈرۈمچى ئاسمىنىنى قىلىن ئىس - تۈتەك قاپلاپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.