چېچەن ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى: رۇسىيىگە قارىتا ھۇجۇملىرىمىزنى داۋام قىلىمىز

بۈگۈن رۇسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى داغىستاندا يەنە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومبا قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىر كىشى ئېغىر يارىلانغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-04-01
Share

رۇسىيىدە كېيىنكى كۈنلەردە مەيدانغا كەلگەن 4 - قېتىملىق بۇ پارتلاش ۋەقەسىنىڭ رۇسىيىدىكى مېترو پارتلىتىش ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 29 - مارت كۈنى موسكۋانىڭ مېترو ئىستانسىسىدا ئارقا - ئارقىلاپ  2 قېتىم ئادەم بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 39 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئارقىدىنلا رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە قاراشلىق داغىستاندا ساقچى پونكىتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 9 ى ساقچى 12 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىنى بۈگۈن چېچەن ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى دوكۇ ئۆمەروف ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇ رۇسىيىگە قارىتا بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. دوكۇ ئۆمەروف ۋىدىئو لېنتىسىگە قىلغان سۆزىدە، بۇ ھۇجۇملارنىڭ رۇسىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ 11 - فېۋرالدا چېچەنىستاندا ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: "رۇس ئەسكەرلىرى 11 - فېۋرالدا چېچەنىستاننىڭ ئاشتام كەنتىدە كەمبەغەل بىگۇناھ خەلقلەرنى ئۆلتۈردى. بۇنىڭغا ھېچكىم بىر نەرسە دېمىدى. شۇنىڭغا قەسەم قىلىمەنكى، رۇس خەلقى ئەمدى ئۇرۇشنى تېلېۋىزور ۋە رادىئودىن ئاڭلىمايدۇ. ھۇجۇم ئەمدى ئۇلارنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىغىچە كېلىدۇ. ئۇلار ئەمدى ئۇرۇشنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ۋۇجۇدىدا ھېس قىلىدۇ، چۈنكى رۇس خەلقى بۈگۈنگىچە كاۋكازىيىدە بولۇۋاتقان تەڭسىزلىكلەرگە سۈكۈت قىلىپ كەلدى،" دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى دىمىترىي مېدمېدېۋ پەيشەنبە كۈنى شىمالىي كاۋكازىيە رايونىغا تۇيۇقسىز زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، تېررورىسىتلارغا قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت