چېڭدۇ ھەربىي رايونى تىبەتلەرگە قاراتقان ھەربىي مەشىقىنى باشلىدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.03.21
2012.03.21
خىتاينىڭ ھاۋا قىسىملىرى بولسا، پۈتۈن تىبەت ئاسمىنىدا يىراق مۇساپىدىن ھۇجۇم قىلىشنى، بولۇپمۇ ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قەھرىتان سوغۇقتا جەڭ قىلىشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ مەشىقتە مەقسەتلىك ھالدا پولات، توپا، ياغاچ قۇرۇلمىلىق نىشانلارنى پارتلىتىشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ چېڭدۇ ھەربىي رايونىغا قاراشلىق قۇرۇقلۇق، ھاۋا، ئۇچۇر-ئالاقە، مىنا تازىلاش قىسىملىرى تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدىن كېيىن، تىبەت رايونلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان ۋە تۇنجى بولۇپ راست بومبىدا بومباردىمان قىلىش مەشىقى ئېلىپ بارغان.