چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ياۋروپا بىرلىكىنى خىتايغا قورال سېتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى

بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا ياۋروپا بىرلىكىدە خىتايغا قورال سېتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ياكى بىكار قىلماسلىق مەسىلىسى، ئەزا دۆلەتلەر ئارا يەنە مۇزاكىرە قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.02.17

باش ئورگىنى بېلگىيىنىڭ برۇسسېل شەھىرىدىكى چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى سودىدىن كېلىدىغان مەنپەئەتنىلا كۆزلەپ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان ھەر قانداق دۆلەتكە قورال ساتماسلىققا، خىتايغا قارىتا ئىجرا قىلىنىۋاتقان قورال سېتىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلماسلىققا چاقىردى.

چېگرىسىز كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى ۋىللى فاۋتېرنىڭ قارىشىچە، خىتايدا 1989‏ - يىلىدىلا ئوقۇغۇچىلار خەلقئارانى، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىدىغان خىتايدەك دۆلەتلەرگە قورال ساتماسلىققا چاقىرغان ئىدى. ياۋرۇپا بىرلىكى ئەينى ۋاقىتتا شۇ تەشەببۇسقا ئاساسەن، خىتايغا قارىتا چىقارغان قورال سېتىش چەكلىمىسىنى ھازىرغا قەدەر ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ، خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىدىغان خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.