چوشقا زۇكامى ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغۇچى بىر خىتاي دېھقان قاتتىق جازاغا ئۇچرىدى

ئىستانسىمىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن ئايدا لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى جېڭ يەنجىې ئىسىملىك بىر خىتاي دېھقان، ئۆزى بېقىۋاتقان نەچچە يۈز چوشقىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قېلىش سەۋەبىنى، ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى بىر قۇشخانىنىڭ ئۆلگەن چوشقىلارنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراپ بېيجىڭغا قەدەر ئەرز قىلىپ بارغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.07.21

ھالبۇكى بېيجىڭدىمۇ ئەرزىنى ئاقتۇرالماي ئامالسىز قالغان جىڭ يەنجىې تيەنئەنمېن مەيدانىدا " خۇ جىنتاۋغا سالام" دەپ لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان، ھالبۇكى خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش بىلەن قولغا ئېلىپ 10 كۈن سولاپ قويغان. ئۇ مۇددىتى توشۇپ لياۋنىڭغا قايتقاندا بولسا، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش باھانە بىلەن ئىككى يىللىق ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىشكە قامالغان.

ئىستانسىمىزنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە لياۋنىڭدىكى يەرلىكلەردىن ئىگىلىشىچە، چوشقا زۇكامى تارىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى جايلاردا چوشقىلاردا گۇمانلىق ئەھۋال بايقالغان ھامان مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا جىددىي مەلۇم قىلىشقا ئوخشاش تۈزۈملەرنى چىقارغان بولسىمۇ، پايدىنىلا قوغلاشقان باقمىچىلار ۋە يەككە قوشخانا ئىگىدارلىرى جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك بەزى پارىخور كادىرلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ چوشقىلاردا كۆرۈلگەن گۇمانلىق كېسەللىك ھەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چوشقا زۇكامى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا قارىغاندا، چوشقا زۇكامى تارالغان تۆت ئايدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا چوشقا زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئادەملەر 700 گە يەتكەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.