CIA لىۋىيە قوزغىلاڭچىلىرىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخپىي ھەرىكەت قىلماقتا

ئامېرىكىدىكى بەزى خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى CIA نىڭ لىۋىيىدە قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.03.31
بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، س ن ن تېلېۋىزىيىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما لىۋىيىدىكى قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش مەزمۇن قىلىنغان بىر مەخپىي ھۆججەتنى ئىمزالىغان. بۇ ھۆججەت ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى CIA ئېلىپ بارماقچى بولغان مەخپىي ھەرىكەتلەرنى ماقۇللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، CIA ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى لىۋىيىدە ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۈچۈن ئەھۋال ئىگىلەۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كازافىيغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنى يازغان ۋە CIA نىڭ قوزغىلاڭچىلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخپىي ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما، بۈگۈن ئاقساراي ۋە مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان ۋە لىۋىيىدە ھەرقانداق بىر گۇرۇپپىغا قورال ياردىمى قىلىش ھەققىدە بىر قارار ماقۇللانمىدى، دېگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.