نورۋېگىيە مەتبۇئاتلىرى: "ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنى پارتلىتىشنى پىلانلىغانلىقى"نى پەرەز قىلماقتا

نورۋېگىيىدە ئەلقائىدە تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان ھەم نورۋېگىيىدە پارتلىىتىش ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى دەپ ئەيىبلەنگەن ئۇيغۇر گۇماندار ھەققىدە بۈگۈن مەتبۇئاتلاردا يەنە يېڭى ئۇچۇر ۋە پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، يېتەرلىك پاكىت توپلاش ئۈچۈن، ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ قاماقتا تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنىڭ يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﮪﺮﻩﺕ ﮪﻮﺷﯘﺭ
2010-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇر گۇماندار مىكايىل داۋۇتنىڭ ئادۋوكاتى، مىكائىل داۋۇتنىڭ پارتلىتىش پىلانى تۈزگەنلىكىنى رەت قىلغان. نورۋېگىيىدە چىقىدىغان VG ۋە Dagbladet قاتارلىق ئاخباراتلاردا، ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ ئەسلىدە نورۋېگىيىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى نورۋېگىيىدىكى خىتاي مەنپەئەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پلانلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان ۋە خەۋەردە 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بۇزۇلۇش بۇ پەرەزلەرگە ئاساس قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە، نىشانلانغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار خىتاي مەنپەئەتلىرى سۈپىتىدە خىتاي ئەلچىخانا بىناسىنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر گۇماندارنىڭ دېلوسى نۆۋەتتە نورۋېگىيە ئاخباراتىدا مۇھىم كۈنتەرتىپ ئىگىلىمەكتە. ئەمما، دېلو يەنىلا تەكشۈرۈش باسقۇچىدا بولۇپ، دېلودىن خۇلاسە چىقىدىغانغا ئاز دېگەندە يەنە بىر ئاي ۋاقىت كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت