جەنۇبى ئافرىقىنىڭ تىنچلىق يىغىنى دالاي لاما سەۋەبى كېچىكتۈرۈلدى

تىبەت روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى لودى گيارى چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ جەنۇبى ئافرىقىغا بېسىم ئىشلىتىپ، دالاي لامانىڭ جەنۇبى ئافرىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى توسىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.03.26

لودى گيارى، خىتاينىڭ ھەرىكىتى "يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئارزۇسىدىكى دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە سىغمايدۇ " دېگەن. جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ، دالاي لامانىڭ جەنۇبى ئافرىقىدا جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىشىنى توسقان ئىدى.

بۇنىڭ بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدىغان بەزى مەشھۇر شەخسلەر يىغىننى بايقۇت قىلغان شۇنداقلا يىغىننىڭ مۇددەتسىز كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. يىغىننى بايقۇت قىلغانلار ئارىسىدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتلىرىدىن سابىق جەنۇبىي ئافرىقا پرېزىدېنتى ۋە جەنۇبى ئافرىقىلىق پوپ تۇتۇلار بار ئىدى.

لېكىن جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا دالاي لاماغا ۋىزا بەرمىگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇ ۋەقەدە جەنۇبى ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، بۇ ئىشنى دەپ خىتاي بىلەن ئازارلىشىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لودى گيارى يەنە "جەنۇبى ئافرىقا ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە بۇ قىتئەدىكى بىر ئۆلگە، بىر مەشئەل ئىدى"، دېگەن شۇنداقلا خىتاي بۇ ۋەقەدە "جەنۇبى ئافرىقىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە ئىناۋىتىگە داغ تەككۈزدى،" دەپ تەكىتلىگەن.

دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلغان تىبەت ھەققىدىكى بىر مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا جەنۇبى ئافرىقىنىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.