ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى دالاي لاماغا مېدال تەقدىم قىلدى

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى جۈمە كۈنى خىتاينىڭ كۈچلۈك ئېتىراز بىلدۈرۈشىگە قارىماي دالاي لاماغا "دېموكراتىيە تۆھپە مېدالى" تەقدىم قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.20

مېدال تەقدىم قىلىشى مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كۇتۇپخانىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مېدالنى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان دالاي لاماغا تەقدىم قىلدى ۋە ئۇنىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇپ: "ئۇ ۋەھشىي كۈچلەر ۋە ھاقارەتلىك تىللار ئالدىدا ئەخلاقى جاسارەت نامايەندە قىلىپ ئوز خەلقىگە ئۈمىد بېغىشلاپلا قالماي، دۇنيادىكى بارلىق ئېزىلگەن خەلقلەرگە ئۈمىد بېغىشلىدى" دېدى.

مۇراسىمدا سۆزگە چىققان دالاي لاما خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى كۈچلەندۈرۈشتە بەزى تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، نۆۋەتتە ئىززەت بىلەن تەختتىن چۈشىدىغان ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى "ئوبامانىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزۈدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما دالاي لامانى پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغان ئىدى.

دالاي لامانى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارىي كلىنتون خانىممۇ قوبۇل قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.