دالاي لاما بېيجىڭنى قايىل قىلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى

تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لاما ئاغرىقتىن ياخشى بولۇپ، يېڭى دېھلىدا ئوپېراتسىيىدىن ساق - سالامەت چىققاندىن كېيىن، مەتبۇئاتلارغا تىبەتلەرنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى يېڭى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.10.26

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دالاي لاما 25 - ئۆكتەبىر كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئوتتۇرا يول سىياسىتى يەنى بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى قايىل قىلىپ، تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە ئېلىش ئارزۇسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى، ئەمدى ئالتە مىليون تىبەت خەلقىنىڭ قانداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى ئۆزلىرى بەلگىلىشىگە قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

دالاي لاما ئۆزىنىڭ بۇ باياناتىدا ئۇ تەرغىپ قىلىۋاتقان "ئوتتۇرا يول"نىڭ پەقەت تىبەتكە تېخىمۇ چوڭراق ئاپتونومىيە ئېلىش ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بۇددىزم مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى يەنىلا بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلەۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا يول سىياسىتىنى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە جۇڭگو زىيالىلىرىنىڭ قوللىغانلىقىغا قارىماي، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە، تىبەتنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

دالاي لامانىڭ تىبەتكە مۇستەقىللىق ئەمەس، بەلكى ئالىي ئاپتونومىيە ئېلىش دەۋاسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەمدە بېيجىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا يەتتە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەنلىكى كۆپلىگەن تىبەتلىكلەرنى،بولۇپمۇ ياشلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ھەتتا دالاينىڭ بۇ سىياسىتىگە ئۇنىڭ تېخى يېقىندا ۋاپات بولغان ئاكىسىمۇ قارشى چىققان ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دالاي لاما تىبەت مەسىلىنىڭ ئۇنىڭ شەخسىي ئىشى ئەمەسلىكى، بۇنىڭ تىبەت خەلقىنىڭ ئىشى ئىكەنلىكى، تىبەت پارلامېنتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزىلىدىغان قۇرۇلتىيىدا خەلقنىڭ پىكرىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، دالاي لامانىڭ ئەلچىسى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى 8 - قېتىملىق سۆھبەت يېقىندا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تىبەتلەر بۇ سۆھبەتنى ئۆزلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ چۈشەنمەكتە.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.