دالاي لاما "خىتاي تىبەتلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى،" دېدى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما ياپونىيە زىيارىتى جەريانىدا 2 - نويابىر كۈنى، توكيودا نۇتۇق سۆزلەپ، تىبەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە توختالدى ھەمدە ئۆزىنىڭ " ئوتتۇرا يول سىياسىتى"نىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىنى قايتا تىلغا ئېلىپ، بۇ ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان تىبەت پارلامېنتىنىڭ يىغىنىدا خەلقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تىبەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قانداق قارار قوبۇل قىلىشنى ئۆزلىرى بەلگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2008.11.02

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت روھانىي داھىيسى سۆزىدە يەنە "قەدىمىي تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆلۈۋاتقانلىقى"نى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە " خىتاي تىبەتلەرنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدى"، دەپ تەكىتلىدى. نۆۋەتتە، خىتايدا دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي بىرلىك سەپ ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئارىسىدا سۆھبەت داۋاملاشماقتا.

تىبەتنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى قانداق بەلگىلەش مەزمۇنىنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان تىبەت خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنى 11 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دارامسالادا ئۆتكۈزىلىدۇ، بۇنىڭغا 5 - 600 ئادەم قاتنىشىشى مۇمكىن.

 دالاي لاما تىبەتلەر بىلەن بېيجىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ نەتىجە بەرمەسلىكىدە خىتاينى ئەيىبلىگەن بولۇپ، مەسئۇلىيەتنىڭ بېيجىڭ تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.