خىتاي دالاي لامانى 'ھىندىستان تەۋەلىكىگە ئۆتتى' دەپ ئىغۋا تارقاتماقتا
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.04.15
2009.04.15
كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر 'دالاي لاما ھىندىستان تەۋەلىكىگە ئۆتتى' دېيىشكە باشلىدى ۋە بۇ ئارقىلىق دالاي لامانى تىبەت خەلقىغە ۋەكىللىك قىلىپ جوڭگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش سالاھىتى يوق، دەپ سۆھبەتنى بۇزماقچى بولىۋاتىدۇ.
مۇھاجىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ئارمىيىسى بۇنىڭدىن 50 يىل بۇرۇن تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ. دالاي لامانى تىبەتتىن قوغلىدى، 80 مىڭ تىبەت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تاغۇ - دەريالاردىن ئۆتۈپ ھىندىستاندىن پاناھلىق تىلىدى. ھىندىستان ئۇلارنى درامسالا، كاناتا قاتارلىق بىر نەچچە شەھەرچىدە تۇرۇشقا رۇخسەت قىلدى.
دالاي لاما ھازىرغا قەدەر ئۆزىنى جوڭگو پۇقراسى دەپ قارايدۇ ۋە تىبەتتە تولۇق ئاپتونومىيە قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. تىبەتلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھازىر دالاي لاما توغرىسىدا تارقىتىۋاتقان ئىغۋالىرى، خىتاينىڭ نەقەدەر نومۇسسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، خالاس.